قەشقەر ئالتۇن دەۋر كەسپىي تېخنىكا ماھارەت تەربىيلەش مەكتىپى تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ !!

مەكتەپ ھەققىدىكى ئۇچۇرلار

 

مەكتەپ ھەققىدە

 

  مەكتىپىمىز 1984-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك كەسپى تەربىيلەةش مەركىزى دېگەن نام بىلەن قۇرۇلۇپ ، دەسلەپتە تىل تەربىيلەةش بىلەن باشلانغان ، كېيىن ھەرخىل ھۈنەر كەسىپلەةر بويىچە تەربىيلەةشنى ئېلىپ بېرىپ جەةمىئەةتكە تونۇلغان .
كېيىن 1987-يىلغاكەلگەندە كىسىمچىلىك ، تىككۈچىلىك ، سىرچىلىق ، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكىنلىرىنى رېمونت قىلىش ، چاچ ياساش ، ھۈسۈن تۈزەش ، موتوسىكىلىت رېمونت قېلىش قاتارلىق ھەر خىل ھۈنەةر كەسپلەر بويىچە تەربيلەشنى ئېلىپ بېرىپ جەمىئەتكە تونۇلغان.
1996-يىلىغا كەلگەندە ئاشپەزلىك كەسپىنى ئاساس قېلىپ ، دەسلەپتە قەشقەر ۋېلايىتى بويىچە ئوقوغۇچى قوبۇل قېلىپ تەربيىلگەن ، كېيىن شىنجاڭ بويىچە ئوقوغۇچى قوبۇل قېلىشقا يۈزلەنگەن . 2000 - يىلغا كەلگەندە ئاپتونوم رايون بويىچە نوقتىلىق تەربىيلەش مەركىزى بولۇپ قۇرۇلغان .
2002- يىلى 7- ئايدا قەشقەر تەنتەةربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەسپى تېخنىكا ماھارەت بويىچە تەربىيلەپ قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا 385 كىلولۇق كالىنى پۈتۈن كاۋاپ قېلىپ پۇشۇرۇپ ، ئاپتونوم رايون باشلىقلىرىنىڭ قېزىقىشىنى قولغا كەلتۈرگەن . 2003- يىلى 9 - ئايدا يەنە بىر قىتىملىق يىغىندا 520 كىلولۇق تۆگىنى تونۇردا پۈتۈن كاۋاپ قېلىپ پۇشۇرۇپ ، قەشقەرگە شان- شەرەپ ئېلىپ كەلگەن .
2006- يىلى 6- ئايدا قەشقەر يېغىن زالىدا 157 دۆلەتتىن كەلگەن سودىگەر چاقىرىش يىغىنىدا 510 كىلولۇق تۆگىنى پۈتۈن كاۋاپ قېلىپ تونۇردا پۇشۇرۇپ ، قەشقەرنى دۇنياغا تۇنۇتۇش سىياسىتىگە ماسلىشىپ ئاپتونوم رايون بويۇنچە تارىختا تۇنجى قىتىم تۆگىنى پۈتۈن كاۋاپ قېلىپ تونۇردا پۇشۇرغان قەشقەردىكى بىردىن- بىر ئورۇنغا ئايلىنىپ ئۇيغۇر كاۋاپچىلىقىنى دۇنياغا تەشۋىق قېلىشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان .

 

مەكتەپ مەسئۇلى

 

 

باغۋەنلەر

 

 

كەسىپلىرىمىز

 

 

ھەق ئېلىش ئۆلچىمى

 

 

ئالبۇم

 

 

تور دەرسخانىسى

 

 

سۆز قالدۇرۇڭ

 

 

ئالاقىلىشىڭ

 

2007- يىلىغا كەلگەندە دۆلەت ئېتىراپ قېلىدىغان كەسپى تېخنىكا ماھارەت تەربىيلەةش مەكتىپى دېگەن نامنى بەرگەن . ئالتۇن دەۋر دېگەن ئۆز ئالاھىدىلىكىمىز بويىچە تەستىقلانغان ماركا بولۇپ ، ھازىر قەشقەر ئالتۇن دەۋر كەسپى تېخنىكا ماھارەت تەربىيلەش مەكتىپى دەپ ئاتايدىغان ، ئاپتونۇم رايون بويىچە تونۇلغان نوقتىلىق مەكتەپ .
مەكتپىمىزنىڭ دەسلەپكى ئىسمى سەمەن رېستۇرانى تەربىيلەش مەركىزى ، كېيىنكى ئىسمى ئالتۇن دەۋر كەسپى تەربىيىلەش مەركىزى دەپ ئاتىلاتتى ، ھازىر قەشقەر ئالتۇن دەۋر كەسپى تېخنىكا ماھارةت تەربىيلەش مەكتىپى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى . مەكتىپىمىز 1996 - يىلدىن ھازىرغىچە ئاشپەزلىك كەسپىدە ھەريىلى 3 ئايلىق سىنىپتىن 4 قارار ، 6ئايلىق سىنىپتىن 2 قارار ، بىر يىللىق سىنىپتىن بىر قارار ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىپ ، ھەرقاراردا 45- 60 قىچە ئوقوغۇچى قوبۇل قېلىپ ، مەكتىپىمىز قۇرۇلغان 13يىل ئىچىدە ، تەخمىنەن 5100 نەپەردىن ئارتۇق ئوقوغۇچىنى مەخسۇس ئاشپەزلىك كەسپى بويىچە تەربىيلىدۇق. ھۈسۈن تۈزەش- چاچ ياساش كەسپىدە ھەريىلى 3 ئايلىق سىنىپتىن 2 قارار ، 6ئايلىق سىنىپتىن 2قارار ، بىر يىللىق سىنىپتىن بىر قارار ئوقوغۇچى قوبول قىلىپ ، ھەرقاراردا45-50كىچە ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىپ ، تەخمىنەن 2300نەپەردىن ئارتۇق ئوقوغۇچىنى مەخسۇس ھۈسۈن تۈزەش-چاچ ياساش كەسپى بويىچە تەربىيلىدۇق . بۇ تەربىيلىگەنلەرنىڭ %96 تى تېخنىكا ماھارةت بويىنچە تەربىيلەنگەنلىك كىنىشكىسى ئېلىپ ، %90تىن كۆپرةكىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق . نەتىجسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ئوقوغۇچىلارنى ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئاشپەز تەربىيلەش مەركەزلىرى ۋە ھەرقايسى مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچىلىققا تونۇشتۇردۇق . نەتىجسى نورمال بولغانلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى چوڭ شەھەرلەرگىچە ئىشقا تونۇشتۇرۇپ بەردۇق . ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ چىقىش يولىنى تېپىپ چەتئەةللەرگىمۇ ئاشخانا ئېچىپ ، مەكتىپىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى .
ھازىر قوبۇل قىلىنغان ئوقوغۇچىلارغا ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نېسبىتىنى %95گە يەتكۈزۈشكە بەل باغلىدۇق . بۇنىڭدىن كېيىن قوبۇل قىلىنغان ئوقوغۇچىلارنى تەربىيلەشنى ئاساس ، ئىشقا ئورۇنلشىشنى ئۆلچەم قىلىپ ، قاچان ئىشقا ئورۇنلاشسا شۇچاغدا ئۈگىنىپ بولغان ھىساپلىنىدىغان ئۆلچەمنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ بىكىتتۇق . شۇڭا يېڭىدىن ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ شۇ توغۇرلۇق توختام تۈزۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز .

   

 قەشقەر ئالتۇن دەۋر كەسپىي تېخنىكا ماھارەت تەربىيلەش مەكتىپى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى :

1 -تېلېفۇن ئارقىلىق ئالاقىلىشىش : 2582735 -0998 ذ 13899102735

2 - ئادرىسى ئارقىلىق ئالاقىلىشىش : قەشقەر بۇغدا دوختۇرخانىسى قىيپاش ئۇدۇلى ياكى قەشقەر شەھەرلىك 10 - ئوتتۇرا مەكتەپ يان ئۇدۇلىدىكى قەشقەر ئالتۇن دەۋر كەسپىي تېخنىكا ماھارەت تەربىيلەش مەكتىپى ( كوچا ئاپتۇبۇسلىرىدىن 3 - ، 7 - ، 17 - ، 20 - يول ئاپتۇبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ قەشقەر شەھەرلىك 10 - ئوتتۇرا مەكتەپ بىكىتىدە چۈشسىڭىز بولىدۇ .

مەكتەپ مۇدىرى تۇرسۇنجان ياسىن